ب د ت يىغىنىدا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى بۇ ھەپتە قازاقىستاندا يىغىن ئېچىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام پىدائىيلىرىدىن كېلىدىغان تەھدىدكە تاقابىل تۇرۇش قابىلىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئەمما خەۋەردە، يىغىندا كونكېرت قانداق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ب د ت تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق ئومومىي يىغىنى پەيشەنبە كۈنى قازاقىستاندا ئاياقلاشقان. كومىتېتنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى، روسىيىنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىخانىسى ئەندىرىي دەنىسوف بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەرگەن يازما باياناتىدا، "كومىتېتىمىزنىڭ قازاقىستانغا كېلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىگە بولغان دىققەت- ئېتىبارىنى تارتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئىسلام رادىكاللىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى تېررورچىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان" دىگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، گەرچە قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىن ،غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىكى بىر پۇرسەت دەپ قارالغان بولسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، رۇسىيە ۋە قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. (ئارزۇ)