ب د ت نىڭ باش سېكرىتارى كوفى ئەننان، ب د ت نىڭ يىپيېڭى ۋە دائىمىي بىر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كوفى ئەننان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان يىللىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، " 53 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسىيالمىدى. بولۇپمۇ، سۇداننىڭ دارفور رايونىدا" دېدى.
ئۇ يەنە، نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بارغانسىرى ئىناۋىتىنى يوقۇتۇپ، ب د ت نىڭ پۈتۈن سېستىمىسىغا كۆلەڭگۈ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا پەقەت قىسمەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ يىتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
كوفى ئەننان بۇنىڭ ئالدىدا، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشى دۆلەتلەردىن يېڭى بىر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى قۇرۇپ چىقىپ، نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەردە ئىيتىلىشىچە، ئەگەر كوفى ئەنناننىڭ تەشەببۇسى بويىچە يېڭى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى قۇرۇلسا، ئۇ ھالدا بۇ ئورگاننىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى بىلەن ئوخشاش ئىمتىيازلارغا ئىگە بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ ئارىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نى ئىسلاھ قىلىشنى قوللىسىمۇ، بىراق ئىسلاھاتنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ب د ت نىڭ باش سېكرىتارى كوفى ئەننان ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان، كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئىسلاھاتلارنىڭ بۇ يىل 9 - ئايدا ئېچىلىدىغان ب د ت نىڭ ئالىي يىغىنىدا ماقۇللىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. (ئارزۇ)