كوفى ئانناننىڭ ئىسلاھات پىلانى خىتاينىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى


2005.04.29

خىتاي، ب د ت باش كاتىپى كوفى ئانناننىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئىسلاھ قىلىش پىلانىغا سوغۇق سۇ سېپىپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھازىرقى قۇرۇلمىسى ب د ت ئەزالىرىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى ۋاڭ گۇئاڭيا، ئالدىنقى كۈنى ئافرىقىدىكى زىمبابۇۋى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىتىنىڭ ئەزالىقىغا قايتا سايلانغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ، كوفى ئانناننىڭ ئىسلاھات پىلانىغا قارشى چىقتى.

ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر، مەزكۇر كومىتېت، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەيىپلىنىشتىن قۇتۇلىدىغان قورالىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا ئىدى.

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىسارى لۇيىسا ئاربور، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئادالەتسىزلىك ۋە قوش ئۆلچەم قوللىنىش بىلەن ئەيىبلىگەن. كوفى ئاننان، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سانىنى ئازايتىش شۇنداقلا ب د ت دىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم دۆلەتنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان ئەللەرنى مەزكۇر كومىتېتقا ئېلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق ئۇنىڭ تەكلىپى خىتاي، ئىران، كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ۋاڭ گۇئاڭيا، ھازىرقى كومىتېتنى " ب د ت دىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتىدۇ،" دىدى.

كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى تەنقىدلىگەن ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى ئاننى پاتېرسون، كومىتېتتىكى بەزى دۆلەتلەرنى خولۇم - خوشنىلىرىغا يان بېسىش ياكى تالاش - تارتىشسىز سايلىنىش بىلەن تەنقىدلىدى. ئاننان، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بۇ يىل سىنتەبىردىكى ب د ت نىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قەدەر كېلىشىم تۈزۈشكە ئۈندىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.