كوفى ئاننان: بىر دۆلەتنىڭ يادرو قوللار تەھدىتى يەر شارى خاراكتېرلىك ئاپەتكە يول ئاچالايدۇ


2005.05.03

ب د ت نىڭ باش كاتىپى كوفى ئاننان نيۇ - يوركتىكى يادرو قوراللارنى چەكلەش يىغىنىدا، بىر دۆلەتنىڭ يادرو قوراللار تەھدىتى يەر شارى خاراكتىرلىك ئاپەتكە يول ئاچالايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

كوفى ئاننان، سۆزىنى يادرو قوراللار ئاپىتى يول ئاچىدىغان تراگېدىيىلەرنى تەسۋىرلەش بىلەن باشلىدى. ئۇ، يادرو قوراللار ئاپىتى مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئىنساننىڭ ئۆلۈشىنى، كەڭ كۆلەمدىكى توپىلاڭ ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك ئېغىر ئىقتىسادى ئاقىۋەت پەيدا قىلىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتكەن. دۇنيا بويىچە يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە يادرو قوراللار تەھدىتىنىڭ قايتىدىن جانلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاننان، كىشىلەرنى بىر نىيەت بىر مەقسەتتىكى ھەمكارلىققا چاقىردى.

بېرىتانىيە ئاخبارات تورى ب ب س نىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، خىتاي، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق بەش چوڭ يادرو دۆلىتىنىڭ يادرو قوراللاردىن ئۈزۈل - كېسىل ۋاز كېچىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى يىتەرلىك بولمىغانلىقىغا نارازىلىق پىكىرلەر كۆپەيمەكتىكەن. ئەمما يىغىندا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى مۇزاكىرە تېمىسىنى شىمالى كورىيە بىلەن ئىراننىڭ يادرو قوراللار پىلانىغا قاراتتى.

ئالدىنقى كۈنى باشلانغان بۇ قېتىم يىغىننى يادرو قوراللارنى چەكلەش شەرتنامىسى كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنىڭ 35 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان. يادرو قوراللارنى چەكلەش شەرتنامىسى 1970 - يىلى كۈچكە ئىگە بولغاندا دۇنيا بويىچە بەش دۆلەت يادرو قوراللارغا ئىگىلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، ھازىر دۇنيا بويىچە 15 دىن 20 گىچە دۆلەتنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگىلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ قېتىمقى يىغىن بىر ئاي داۋام قىلىشى مۇمكىن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.