خىتاي، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنى كېڭەيتىش تەكلىپىگە قارشى چىقتى


2005.06.01

خىتاي ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىنى كېڭەيتىش قارار لايىھىسىگە قارشى چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، برازىلىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيە قاتارلىق 4 دۆلەت نۆۋەتتە بىخەتەرلىك كېڭىشىنى كېڭەيتىش قارار لايىھىسىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئۇلار يەنە 6 - ئاينىڭ ئىچىدە بۇ لايىھىنى ب د ت گە سۇنۇشنى پىلانلىماقتا.

ئەمما بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى. ھەتتا خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى بۇ لايىھىنى “خەتەرلىك” دەپ سۈپەتلەپ، بۇنىڭ ب د ت ئەزالىرى ئارىسىدا بۆلۈنۈش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇنداقلا ئۇ يەنە، خىتاينىڭ مەزكۇر كېڭەشتىكى كۈچى بىلەن بۇ لايىھىگە قارشى ئاۋاز قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە مەڭگۈلۈك ئورۇنغا ئېرىشىشىگە كۈچلۈك قارشى بولۇپ، ھەتتا مۇشۇ سەۋەبتىن، يېقىندا خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەن ئىدى.

نۆۋەتتە ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى مەڭگۈلۈك ئورۇنغا ئىگە 5 دۆلەت بولسا، ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.