ب د ت خىتاينى قۇش زۇكام ۋىرۇسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى


2005.07.04

ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، خىتاي دائىرىلىرىنى چىڭخەيدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى شۇنداقلا ئادەملەرگە ئىشلىتىدىن ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش دورىسىنى ئۆي ھايۋانلىرىغا ئىشلىتىش ۋەقەسى ئۈستىدىن تېخىمۇ كونكېرت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت ئوزۇقلۇق تەشكىلاتىنىڭ باش مال دوختۇرى جوسېف دومىنىك، "ئادەملەرگە ئىشلىتىدىغان ئانتى - ۋىرۇس دورىسىنى خىتايدا ئۆي ھايۋانلىرىغا ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ،" دېگەن.

جوسېف دومىنىك، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئادەملەرگە ئىشلىتىدىغان ۋورىسقا قارشى تۇرۇش دورىسىنىڭ ئۆي ھايۋانلىرىغا ئىشلىتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.

جوسېف دومىنىك بۇ سۆزلەرنى ب د ت نىڭ كۇئالا - لومپۇردا ئېچىلغان قۇش زۇكام ۋىروسى ھەققىدىكى يىغىنىدا تەكىتلىگەن. "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" يېقىندا خىتاينىڭ بەزى رايونلىرىدا ئادەملەرگە ئىشلىتىدىغان ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش دورىسىنىڭ ئۆي ھايۋانلىرىغا ئىشلىتىلگەنلىكىنى پاش قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ خەۋىرىنىڭ راستلىقىنى رەت قىلدى، ئەمما ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چىڭخەي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چۆچەك، سانجى قاتارلىق جايلىرىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چىڭخەيدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئورگاننىڭ سانجى ۋە چۆچەكلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.