150 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى چارشەنبە كۈنى نيويوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابىدا جەم بولۇپ، ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.
ئۈچ كۈن داۋام ئېتىدىغان ب د ت باشلىقلار يىغىنىدا ب د ت نى ئىسلاھ قىلىش لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ب د ت نىڭ باش سېكرىتارى كوفى ئەننان ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش سۆز قىلدى. كوفى ئەننان دۇنيا رەھبەرلىرىنى ب د ت نى ئىسلاھ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ۋە دۇنيادىكى نامراتلىقنى يوقىتىش يولىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن قەدەملەرنى بېسىشقا چاقىردى.
غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىرلىككە كەلگەن 35 بەتلىك بىر ئىسلاھات لايىھىسىنى ماقۇللايدىكەن. بۇ لايىھە تەرەققىيات، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ب د ت نى ئىسلاھ قىلىش مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بۇ لايىھە كوفى ئەننان ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلاھات لايىھىسىنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇلغان نۇسخىسى دەپ قارالماقتا.
يىغىندا ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرىغا بىر قېتىمدىن سۆز پۇرسىتى بېرىلىدۇ. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى ب د ت باشلىقلار يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. (ئارزۇ)
