خىتاي، يېڭىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن، نيو-يوركتىكى "خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى" بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي گەرچە بۇ كومىتېتقا ئەزا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش جەھەتتە چوڭ ئىلگىرلەش ھاسىل قىلالىشىغا كۆزى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رويتېرس ئاگېتنلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى" گەرچە خىتايدىن چوڭ نەتىجىلەرنى كۈتۈپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ب د ت نىڭ بۇ تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقى يۈزىسىدىن ۋە دۇنيادا يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان ئورنىدىن پايدىلىنىپ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
سەيشەنبە كۈنى خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، خىتاينىڭ بۇ ئورۇنغا ئېرىشكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا ئاساسەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى.
ئەسلىدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، سۇدان، زىمبابوۋى ۋە بېرمىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار بولغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەزا بولۇشى سەۋەبىدىن تەنقىدكە ئۇچراپ، ئەزا دۆلەتلەرنى قايتا بېكىتىش زۆرۈرىيىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم يېڭىدىن تۈزۈلگەن بۇ كومىتېتقىمۇ يەنىلا خىتاي، كۇبا، پاكىستان ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستانغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە كۆپ تەنقىد قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئەزا بولدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ قايتا ئىسلاھات قىلىنىشىدا چىڭ تۇرغان دۆلەت بولۇپ، ھەتتا يېڭىدىن تۈزۈلگەن بۇ كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتمىدى. (پەرىدە)