دۈشەنبە كۈنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە، يىڭى قۇرۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق يېغىنى باشلاندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى كافى ئاننان بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەرگەن باياناتىدا، يېڭى قۇرۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنى قايتىدىن باشلىشى ئۈچۈن يېڭى چوڭ بىر پۇرسەت يارىتىدۇ، دېدى.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، بۇ تەشكىلاتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئورنىغا قۇرۇلدى. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ، دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، خىتاي، كوبا، سۇدان قاتارلىق ئۆزلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇۋېلىپ، بىر-بىرىنىڭ ئەيىبىنى يېپىش ئۈچۈن ئۆز-ئارا ھەمكارلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئېتىبارىنى يوقىتىپ، ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالماس ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. شۇڭا ب د ت بۇ كومىتېتىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 47 ئەزاغا ئىگە بولغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى قۇرۇپ چىققان.
كافى ئاننان، يېڭى قۇرۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تۇنجى يېغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، بۇ كېڭەشنىڭ سىياسىي ئويۇن سەھنىسىگە ئايلىنىپ قىلىشىغا رۇخسەت بەرمەڭلار. داۋاملىق كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە بولغانلارنى ئويلاڭلار، دېدى.
ئەمما، يېڭى قۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يەنە خىتاي، كوبا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكى، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەندىشىلەندۈردى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بۇ يىڭى كېڭەشنىڭ قۇرۇلمىسىدىن رازى ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ، بىكار قىلىنغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئوخشاپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)