ياپونىيە خىتاي ب د ت نىڭ چىقىمىنى كۆپرەك ئۈستىگە ئېلىشى لازىم، دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى

'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ياپونىيە ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى بولۇپ ب د ت نىڭ يىللىق چىقىمىنىڭ 5% نى ئۈستىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. تۈنۈگۈن ئاخشام ب د ت نىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئېچىلغان يىغىنىدا، ياپونىيە بىر تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياپونىيىنىڭ ب د ت نىڭ يىللىق چىىقمىنى ئۈسىتىگە ئېلىپ نېسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە كۆپىنچە ھالدا رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان تۈلەم نېسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىمقىلىنى تەكىتلىدى. بۇ تەشەببۇس بۇيىچە بولغاندا، خىتاينىڭ ب د ت نىڭ يىللىق چىقىمىنىڭ 2.1% نى ئۈستىگە ئېلىش نېسبىتىنى بۇنىڭدىن كېيىن ئاز دېگەندە 3.9% كە ئۆرلىىتىلىشكە توغرى كېلىدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە يەنە، گېرمانىيىنىڭ ۋە مەڭگۈلۈك ئەزا سالاھىيىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان رۇسىيىنىڭ تۈلەم نېسبىتىمۇ ئۆستۈرۈلۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. ب د ت نىڭ يىغىندا ھازىر تۈلەم تەقسىماتى ئۈستىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە 2007 ‏- يىلىدىن باشلاپ تۈلەم تەقسىماتىدا قوللىنىدىغان نېسبەتنى بەلگىلەش ھەققىدە مۇزاكىرە باشلاندى. (ۋەلى)