ئامېرىكا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى دائىمىي ئەزالار سانىنى كۆپەيتىشنى قوللىدى

ئامېرىكا، كام دېگەندە ياپونىيە قاتارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا كۆپەيتىپ سايلىنىشىنى قوللىدى. ئەمما ئامېرىكا، يېڭىدىن سايلىنىدىغان دائىمىي ئەزالارنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بولۇشىغا قارشى تۇرىدىكەن شۇنداقلا ئاز دېگەندە ئۈچ دۆلەتنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئادەتتىكى ئەزالىقىغا كۆپەيتىپ سايلاشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولاس بۇرنىس، "دائىمىي ئەزالارنى ئىككى، ئادەتتىكى ئەزالارنى ئىككىدىن ئۈچكىچە كۆپەيتىشنى قوللايمىز،" دەپ كۆرسەتتى. بۇرنىسنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 15 ئەزانىڭ 19 ياكى 20 گە كۆپەيتىلىشىنى خالايدىكەن. بۇ ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئەزالار سانىنى كۆپەيتىش پىلانىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا ياپونىيە، گېرمانىيە، برازىلىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئەزالار سانىنى 25 كە كۆپەيتىش پىلانىغا قىزىقمايدىكەن. ئەمما ياپونىيىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىنى قوللايدىكەن.

خىتايلار ياپونىيىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا قارشى چىقىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى رەت قىلىش ھوقۇقىمىزنى قوللىنىمىز، دەپ ئاگاھلاندۇرغان. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، "ياپونىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولۇش لاياقىتىگە ئىگە ئەمەس،" دېگەن ئىدى. ئەمما ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماچىمۇرانىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە قاتارلىق ئىككى دۆلەتنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمى ئەزالىقىغا كۆپەيتىپ سايلاشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. (ئەركىن)