چېن شۈيبيەن، ب د ت غا ئەزا بولۇش نىيىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

چېن شۈيبيەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، جۈمە كۈنى تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. چېن شۈيبيەن، دۇنيا تەيۋەنلىكلەر قۇرۇلتىيىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا " تەيۋەن مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت. بىز ب د ت غا ئەزا بولۇش تەلىپىمىزنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازى ۋە باشقا دېموكراتىك يوللار بىلەن داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز " دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ، خىتاينى تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش تىرىشچانلىقىغا توسالغۇ پەيدا قىلماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تەيۋەننىڭ ب د ت ئەزالىقىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش پىلانىغا قارشى چىققان ئامېرىكىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. پرېزىدېنت چېن،" گەرچە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، بۇنىڭدىن قايغۇرغان ۋە قارشى چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئەمەس. بىزنىڭ دۈشمىنىمىز خىتاي" دەيدۇ. ئۇ يەنە،" ئەگەر خىتاينىڭ بايقۇتى، تەھدىتى ۋە بېسىمى بولمىغان بولسا، تەيۋەن ئاللا بۇرۇن ب د ت غا ئەزا بولۇپ بولغان بولاتتى " دەپ تەكىتلىدى. پرېزىدېنت چېن، بېيجىڭنى "ئانا ۋەتەن ئەمەس، تەيۋەننى جازالاۋاتقان لەنەتلىنىشكە تېگىشلىك دۈشمەن دۆلەت " دەپ ئاتاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

چېن شۈيبيەننىڭ دۇنيا تەيۋەنلىكلەر قۇرۇلتىيىدا سۆزلىگەن نۇتقىدىن بىر كۈن بۇرۇن، پرېزىدېنت بۇش بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ سېدنىيدا كۆرۈشۈپ، تەيۋەننى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىدى. بۇش ۋە خۇ جىنتاۋ تەيۋەننى ئاگاھلاندۇرۇپ، تەيبېينىڭ "تەيۋەن" دېگەن نام ئاستىدا ب د ت غا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش ھەرىكىتى رايوننى "خەتەرلىك دەۋرگە" ئېلىپ كىرىدىغان " ئىغۋاگەرچىلىك " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. (ئەركىن)