ب د ت ئامېرىكىنى گۈەنتانامو لاگىرىنى تاقىۋېتىشكە چاقىردى
2006.05.19
ب د ت نىڭ تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى، ئامېرىكا تەن جازاسىغا خاتىمە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە كۇبانىڭ گۈەنتانامو ئارىلىدىكى تۇتقۇنلار لاگىرىنى تاقىۋېتىش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 10 كىشىلىك تەرەپسىز مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىن تەشكىل تاپقان مەزكۇر كومىتېت جۈمە كۈنى ۋىيانادا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى گۈەنتانامو ۋە چەتئەلدىكى گۇمانلىق تېررورچىلارنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بارلىق مەخپىي تۈرمىلەرنى تاقىۋېتىشكە چاقىردى.
باياناتتا مەزكۇر كومىتېت، ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگىرلىرىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە ياللانما خادىملارنىڭ مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە بارلىق شەكىلدىكى تەن جازالىرىنى توختىتىش، ئۈزۈل -كېسىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
نۆۋەتتە گۈەنتانامودىكى لاگىردا 17 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرى تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار " دۈشمەن جەڭچىسى" دەپ بېكىتىلگەن بۇلسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلمايدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە تەن جازاسىغا ئۇچراش ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بار، دەپ قارىغانلىقتىن ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى رەت قىلماقتا.
ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى مانفرىد نوۋاك، ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، تەن جازاسىنىڭ خىتايدا ئومۇميۈزلىك ئەھۋال ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىغا قارىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن يېقىندا گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 5 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئۆزلىرىنىڭ گۈەنتانامودا تەن جازاسىغا ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت ئىلگىرى ئامېرىكىنى گۈەنتانامودىكى لاگىرنى تاقىۋېتىشكە چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇش ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا
- ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار
- قازاندا گۇانتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن تاتار ياشلىرى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- ئامېرىكىنىڭ مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى بارلىقى ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا
- ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش ئۆمىكى گۈئەنتانامونى زىيارەت قىلىشنى رەت قىلدى