ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتى خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە بەرگەن ياردەم تۈرىنى ئاقلىدى
2006.01.31
ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە بەرگەن ياردەم تۈرىنى ئاقلىدى. نوپۇس فوندى جەمئىيىتى باياناتىدا، مەزكۇر ئورگاننىڭ فوندى جەمئىيەتنى ئەڭ كۆپ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان 10 ياۋروپا دۆلىتى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
نوپۇس فوندى جەمئىيىتىنىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، ياۋروپادىكى بۇ 10 دۆلەت " نوپۇس فوندى جەمئىيىتى باشقا دۆلەتلەردىكى پائالىيىتىگە ئوخشاشلا خىتايدا خەلقئارا نوپۇس ۋە تەرەققىيات قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرىغا قەتئى بويسۇندى شۇنداقلا بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىزنى قوللاپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسى ئەركىنلىكنى نامايەن قىلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىماقتا،" دەپ تەكىتلىگەن. نوپۇس فوندى جەمئىيىتىنىڭ بۇ سۆزلەرنى تىلغا ئېلىشتىكى سەۋەبى، بۇ ئورگان ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئۇسۇللار بىلەن تۇغۇتنى كونترول قىلىشىغا ياردەم بەردى، دەپ ئەيىبلەنمەكتە ئىدى.
بۇش ھۆكۈمىتى شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكىنىڭ نوپۇس فوندى جەمئىيىتىگە بېرىدىغان 35 مىليون دوللار يىللىق ياردىمىنى توڭلىتىپ قويغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدە، ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى " ئىرقىي تازىلاش" تىن پەرقىي يوق، دەپ ئاتىغان. يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا، ئۇيغۇرلارنى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە رىئايە قىلمايۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى. جاپپارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇتنى چەكلەش مەسىلىسىدە " ئىدىيىسى تېخى ئازات بولمىغان ".
ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان خىزمىتىنى ماختىغان 10 دۆلەت ئەنگىلىيە، بېلگىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، نورۋىگىيە، شۋېتسىيە ۋە شۋېتسارىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نوپۇس فوندى جەمئىيىتى ئەيدىزگە قارشى ياردەم تۈرى بويىچە 2006 - يىلدىن 2010 - يىلغىچە خىتايغا 27 مىليون دوللار ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى پائالىيەتچى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلدى
- ھامىلدارلارنى بالا ئالدۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن
- خىتاينىڭ تۇغۇتنى كونترول قىلىش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىكەن
- ئامېرىكا، ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتىگە ياردەم بېرىشنى توختاتتى
- ب د ت دوكلاتىدا خىتايدا بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئاشكارىلىدى