ب د ت خىتاينىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلدى
2005.10.28
خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى خۇنەننىڭ شياڭتەن ناھىيىسىدە 12 ياشلىق بىر قىزنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلىكىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ب د ت نىڭ سەھىيە ئورگىنى قۇش زۇكام ۋىرۇسى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.
خىتايدا ئۆتكەن ھەپتە 3800 دىن ئارتۇق توخۇ، ئۆردەك ۋە غاز H5N1 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى، خۇنەننىڭ شياڭتەن ناھىيىسىدە ئۆلگەن 12 ياشلىق قىزنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئەمەس، ئۆپكە كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چېن، ھازىرغىچە قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئادەملەرگە يۇقۇش ئەھۋالى بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما "قۇش زۇكام ۋىرۇسىنى كونترول قىلىش تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولسا، ۋىرۇسنىڭ ئادەملەرگە يۇقۇش ئېھتىمالى ۋاقىت مەسىلىسىلا بولۇپ قالىدۇ،" دەپ ئاگاھلاندۇردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى مارىيا چېڭ، "بىز خىتايدا بايقالغان يۇقۇملۇنۇش ۋەقەسى توغرىسىدا تېخىچە ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسمىز،" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، " ھەر ئىككىلا ئادەم كېسەل توخۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن، بىز تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز"، دەيدۇ.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىدىن خۇنەنگە مۇتەخەسسىسلەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5 ۋە 6 - ئايلاردا سانجى ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلىرىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا بايقالغاندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي قۇش زۇكىمى بىلەن ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
- ب د ت خىتاينىڭ قۇش زۇكىمى كېسىلىگە بولغان نازارىتىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى
- خىتاينىڭ شەرقىدە يەنە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالدى
- خىتاي، قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چېگرىنى تاقىشى مۇمكىن
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدىكى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلماقتا