برازىلىيە، ب د ت ئىسلاھاتىغا قارشى چىققان خىتاينىڭ يېتىم قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى


2005.06.03

ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولۇشنى تالىشىۋاتقان برازىلىيە، ئەگەر خىتاي خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر سانىنى كۆپەيتىشكە قارشى چىقسا، " ئۆزىنى يېتىم قالدۇرۇشى مۇمكىن،" دەپ ئاگاھلاندۇردى.

خىتاينىڭ ب د ت دىكى دائىمى ۋەكىلى ۋاڭ گۇئاڭيا، گېرمانىيە، ياپونىيە، برازىلىيە ۋە ھىدىستانلارنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر سانىنى كۆپەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لاھىيىسىگە رەت ئاۋازى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاي، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى كېڭەش قارارلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بەش دائىمىي ھەيئەتنىڭ بىرى.

برازىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، "ھەر قايسى قىتئەلەر ب د ت ئىسلاھاتىنى قوللاۋاتقان ئەھۋالدا رەت قىلىش ئاۋازى قوللىنىش، خىتاينى يېتىم ئەھۋالدا قالدۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

ئەمما گېرمانىيە، ياپونىيە، برازىلىيە ۋە ھىدىستانلارنىڭ تەكلىپ لاھىيىسىنى ئاۋزاغا قويۇشنى " خەتەرلىك ھەرىكەت،" دەپ تەكىتلىگەن ۋاڭ گۇئاڭيا، بۇ ب د ت ۋە مەزكۇر ئورگانغا ئەزا دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇپ، ب د ت نىڭ ئىسلاھات مۇساپىسىنى قايدۇرۇۋېتىدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى گېرمانىيە، برازىلىيە ۋە ھىندىستانلارنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولۇش تىرىشچانلىقىنى قوللىسىمۇ، ئەمما ياپونىيىنىڭ دائىمى ئەزالىقىغا قارشى چىقماقتا. ئەگەر خىتاي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى كېڭەيتىشكە قارشى بىلەت تاشلىسا، بۇ ئەھۋالدا 4 دۆلەتنىڭ تەكلىپ لاھىيىسى ب د ت نىڭ ئومۇمى يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ. ئەمما تەكلىپ لاھىيىسى ب د ت غا ئەزا 191 دۆلەتنىڭ 3 دەن 2 قىسىمى قوللاپ بىلەت تاشلىغاندا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.