ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ۋىتىت مۇنتابورن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇنتابورن، شىمالى كورىيىلىك مۇساپىرلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى ب د ت نىڭ مالايزىيە پايتەختى كۇئالا لۇمپۇردىكى يىغىنىدا سۆزلىدى. مۇنتابورن، خىتاي شىمالى كورىيىلىك مۇساپىرلارغا ئىنسانپەرۋەرلەرچە مۇئامىلە قىلىش كېرەك، دەپ ئەسكەرتكەن. مۇنتابورننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي خەلقئارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويغان دۆلەت بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى ئەھدىنامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئۈندۈشى كېرەككەن.
ئۇ، خىتايدىكى شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلار دۆلىتىگە قايتۇرۇلغاندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچراش ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ھەۋپى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شىمالى كورىيىلىكلەر ب د ت ئەھدىنامىسىدىكى مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە توشىدىكەن. ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدىكى شىمالى كورىيىلىكلەرنى ئىقتىسادى مۇساپىر دەپ قاراپ، ئۇلارغا پانالىق بېرىشنى رەت قىلماقتا ئىدى.
خىتاينىڭ مۇساپىرلار مەسىلىدىكى قىسىنچىلىقى شىمالى كورىيىلىكلەر بىلەن چەكلەنمەيدۇ. قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بىلەن قازاقىستان 1998 - يىلى مۇساپىرلار مەسىلىسى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇرلارغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. (ئەركىن)