ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ


2005.06.28

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى لۇۋىزا ئاربور 29 - ئاۋغۇستتىن 2 - سېنتەبىر كۈنىگىچە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، لۇۋىزا ئاربورنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن 13 -نۆۋەتلىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى كىشىلىك ھوقۇق مەسلىھەت يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ليۇ جيەنچاۋ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا ئويناۋاتقان رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ شۇنداقلا مەزكۇر كومىتېت بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، دېدى

يېقىندىن بېرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئەيىبلەشتە ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق تەنقىدگە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، خىتاي، كۇبا، سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەر مەزكۇر كومىتېت ئەزالىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىللەيدىكەن.

يېقىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى كوفى ئانان، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قۇرۇپ چىقىشنى تەكلىپ قىلدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.