ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ كومىسسارى خىتاينى زىيارەت قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك كومىسسسارى ئانتونىئو گۇتېررېس دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ مۇساپىرلار كومىتېتى كومىسسارىنىڭ 1997‏- يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتايغا زىيارەتكە بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

گۇتېررېسنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتايدا خىتاينىڭ سودا مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن. شۇنداقلا ئىككى تەرەپ سۆھبەتتە چەتئەللىكلەرنىڭ خىتايغا كىرىشى ۋە ئۇ يەردە پاناھلىق تىلىشى ھەمدە خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش مەسلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنىڭ مەسلىسىمۇ سۆھبەتتىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ئىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتايغا كىرگەن شىمالىي كورىيىلىكلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوغدىلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتىنى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن بۇ مۇساپىرلارنى پەقەت ئىقتىسادىي كۆچمەنلەر دەپ قاراپ، ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلىپ كەلدى.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۆلچەرلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشىدىكەن. ئەگەر ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالسا، شىمالىي كورىيىگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى مۇمكىن. ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ كومىسسارى ئانتونىئو گۇتېررىس خىتايدىكى مەزگىلىدە يەنە، " خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنى" نىڭ خىتايچە نۇسخىسىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. بۇ كىتابنى مۇساپىرلار كومىتېتى بىلەن خەلقئارا پارلامېنت ئويۇشمىسى بىرلىكتە تۈزۈپ چىققان.(پەرىدە)