ب د ت نازارەتچىسى خىتاينى ساقچى ۋە تۈرمە سېستىمىسىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى
2006.03.21
ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى تۈرمىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ب د ت نىڭ تەن جازاسى تەكشۈرۈش بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى مونفرىد نوۋاك، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خىتاينىڭ ساقچى ۋە ئەدلىيە سېستىمىسىدا ئۈزۈل -كېسىل ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، خىتايدا ئومۇميۈزلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەن جازاسىنى ئازايتىشقا چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مانفرىد نوۋاك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، بېيجىڭ دائىرىلىرىدىن كىشىلەرگە ئىقتىسادى ۋە زوراۋانلىققا چېتىلمىغان دىلولار سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
دوكلاتتا خىتاينى سۆز ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئىبادەت ھوقۇقىنى تىنچ يوللار بىلەن قوللانغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. نوۋاك، ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا بېيجىڭ، لخاسا ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، تەن جازاسىنىڭ خىتايدا ئومۇميۈزلىك يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان. لېكىن خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى، بىر قانچە تۈرمىنى تەكشۈرۈپلا بۇ خۇلاسىغا كېلىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
نوۋاك بېيجىڭ، لخاسا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا 30 نەپەر مەھبۇس ۋە تۇتقۇنلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نازارەتچى ئەمەلدارىنى تۇنجى قېتىم خىتاي تۈرمىلىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نوۋاكنىڭ شۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە ئاساسەن ھازىرلىغان دوكلاتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا، گۇمانلىق ئۇنسۇرلارغا تەن جازاسى بېرىش ۋە ئىقرار قىلدۇرۇش خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىدىكى ئومۇميۈزلىك مەۋجۇت ئەھۋال، دەپ تەكىتلەنگەن.
نوۋاكنىڭ دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ مەھبۇسلار بىلەن تەنھا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سۆھبەت جەريانىدا مەھبۇسلارنىڭ "قورقۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنى ئېلىپ قېچىۋاتقانلىقىنى روشەن دەرىجىدە بايقىغان." مانفرىد نوۋاك، خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتىن سەل ئىلگىرى ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى يىغىن زالىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ كومىسسارى خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ب د ت خىتايدىن نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارلىرى: تەن جازاسى قوبۇل قىلىنمايدىغان قىلمىش
- تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى خادىمى خىتاي زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- ب د ت دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ كەمچىللىكىنى ئەيىبلىدى