كوفى ئاننان خىتاينى زىيارەت قىلدى

ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان جۈمە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى، خىتاي - ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە مۇناسىۋەتلىرىنى سۆزلىشىش بويىچە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى باشلىدى ۋە شۇ كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوفى ئاننان جۈمە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ياپونىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ بۇ دۆلەتتىكى 4 كۈنلىك زىيارىتىنى باشلىغان. جۇڭگو كوفى ئانناننىڭ ئاسىيا زىيارىتىنىڭ 3 - بېكىتى. ئۇ ، بېيجىڭغا يېتىپ بارغان شۇ كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئاساسلىقى شىمالىي كورىيە ۋە ئىران يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. خىتاي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قويۇشىغا قارشى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

كوفى ئاننان، بېيجىڭغا كېلىش ئالدىدا ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پەخرى دوكتورلۇقىنى قوبۇل قىلىپ، قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى چەكلەش ۋە ب د ت ئىسلاھاتى ھەققىدە توختالغان. ئۇ، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيىلەرنى ئارىدىكى زېمىن ئىختىلابى ۋە تارىختىن قېپقالغان تالاش - تارتىشلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سوغاقچىلىقنى ئوڭشاشقا چاقىردى.

كوفى ئاننان، بۇ يەردىكى نۇتۇقىدا ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ ياسىكونۇ بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش ھەرىكىتى ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىكلەر ھەققىدە توختالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ ياسۇكونىنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى چىقماقتا ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلماقتا. ئاننان بېيجىڭدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. (ئەركىن)