بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىغىنى باشلاندى


2005.03.14

دۈشەنبە كۈنى شىۋىتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنى باشلاندى.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھېلىمۇ زۇلۇمغا ئۇچىرىغانلارنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى ئۈچۈن، كۈندىن- كۈنگە بىسىمغا ئۇچراۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنى 6 ھەپتە داۋاملىشىدىكەن.

نۇرغۇن كىشىلەر، ھەتتا بەزى بىرلەشكەن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى، كومىتېتقا ئەزا دۆلەتلەرنى قوغداشتىن باشقا بىر ئىش قىلمايۋاتىدۇ، دەپ قاتتىق ئەيىبلىمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي، كۇبا ۋە سۇدان قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ كۆپ دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئەزا بولۇشى، مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئېتىبارىغا دەخلى يەتكۈزىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن .

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرىۋاتىدۇ دەپ قاتتىق ئەيىبلىمەكتە . لېكىن ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا خىتاينى ئەيىبلەيدىغان بىر قارار لايىھىسى سۇنۇپ- سۇنمايدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.