27 - دېكابىر كۈنى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋە پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بەنەزىر بۇتتونىڭ 19 ياشلىق ئوغلى بىلاۋال ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ، مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولدى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، بەنەزىر بۇتتونىڭ ئېرى ئاسىپ ئەلى زەردارى بىرلەشمە رەئىسلىككە بېكىتىلىپ، ئوغلىنىڭ ئىشلىرىغا ماسلىشىدىكەن. پاكىستان خەلق پارتىيىسى كېلەر يىلى 8 - يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىراق، ھازىر مەزكۇر سايلام كۈنىنىڭ ئارقىغا سۈرۈلۈشى، بەلكى يەنە ئىككى ئايلاردىن كېيىن ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى قىياس قىلىنماقتا. چۈنكى، بۇتتونىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ھەر قايسى جايلاردا قالايمىقانچىلىق ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 40 تىن ئېشىپ كەتكەن.
پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ بۇنداق نارازىلىق قالايمىقانچىلىقلىرىنىڭ يەنە قانچىلىك داۋاملىشىشى ھەمدە يەنە قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىش ھازىر تەس بولۇپ، ۋەزىيەت ناھايىتى مۇقىمسىز ئىكەن.
پاكىستان خەلق پارتىيىسى پاكىستاندىكى كەمبەغەللەر سىنىپىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ چوڭ پارتىيىدۇر. پارلامېنت سايلىمىغا مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ ناۋاز شەرىپ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەنەزىر بۇتتونىڭ ئەل - قائىدە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىلىۋاتقان مەزكۇر تەشكىلات بۇ ئىشقا ئۆزلىرىنىڭ قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)