خىتاي ئامېرىكىنىڭ بېرمىغا جازا قويۇش تەشەببۇسىغا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە
2006.10.23
'فرانسىيە ئاگېنتلىقى' نىڭ ياڭگون شەھىرىدىن 23 - ئۆكتەبىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شتاپ باشلىقى لياڭ گۇاڭليې دۈشەنبە كۈنى، بېرمىنىڭ پايتەختى نايبىتو شەھىرىگە كېلىپ، بېرمىنىڭ يېڭى مەمۇرى رەھبىرى تان ۋېي بىلەن كۆرۈشكەن.
بېرما خىتاينىڭ سودا جەھەتتىكى مۇھىم سەپدېشى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، بېرما ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتاي بىلەن سودا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ھالقا بولۇپ كەلمەكتە. ھازىر خىتاي بېرمىنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى ۋە دېڭىز قاتنىشى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. گەرچە 'بېرما ماياكى' گېزىتىدە، خىتاي گېنېرالى لياڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى بېرمىنىڭ سابىق گېنېرالى ماڭ ئاينىڭ تەكىلىپىگە ئاساسەن بولغان، دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ زىيارەتنىڭ مەزمۇنى پەقەت بايان قىلىنمىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 1962 - يىلىدىن بۇيان ھەربىي گۇرۇھلار ھوقۇق تۇتۇپ كېلىۋاتقان بېرمىدا، دۆلەت رەھبەرلىرى كىشىلىك ھوقۇق رېكورتىنى ياخشىلاشقا قارشىلىق قىلىۋاتقانلىقى، دۆلەت ئىچىدە دېموكراتىيىنى چەتكە قاققانلىقى سەۋەبىدىن غەرب ئەللىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، خەلقئارادا يېتىم قالماقتا. بېرمىدا يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىنى تىزلىتىش قاتارلىق مەسىلىئىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، گەرچە ئامېرىكا ب د ت دا بېرمىغا ئىقتىسادىي جازا قوللىنىشنى تەشەببۇسى قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇنىڭغا رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللىنىپ كەلمەكتە. (ۋەلى)