بېرمىدىكى چىن مىللىتىنىڭ مۇساپىرلىرى ئامېرىكىدىن پانالىق تېلىمەكتە
2006.10.25
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بانكوكتىن خەۋەر قىلىشىچە، بېرمىدىكى چىن دەپ ئاتىلىدىغان يەرلىك مىللەتتىن 80 مىڭ مۇساپىر ھازىر تايلاند، مالاشيا، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتىدۇ. چىنلاردىن يەنە نۇرغۇن كىشى يۇرتلىرىنى تاشلاپ بېرمىنىڭ شىمال تەرىپىگە كېلىپ، بېرمىنىڭ ھازىرقى مىللىتارست ھۆكۈمىتىگە قارشى كۆرەش قىلىۋاتىدۇ.
خەۋەردە بايان قىلنىشىچە، 1988 - يىللىدىن باشلاپ بېرمىدىن ئىبارەت بۇ بۇددىزىم دۆلىتىدە ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتقان چىنلار بېرمىنىڭ مىلىتارىست ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆرىشىنى توختاتقىنى يوق. ئامېرىكا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مۇھاجىرەتتىكى 2000 چىن مۇساپىرىغا خەيرخالىق قىلىپ ۋىز بېرىۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى ئەمى ئالىكساندىر خانىم بېرمىدىكى چىنلارنىڭ ئامېركىدىن پانالىق تېلەۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالغاندا 'ئەمدى چىنلارغا نورمال تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ' دېگەن. (ۋەلى)