دۇنياۋىي شەخسلەر خىتاينى بېرمىغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندىدى


2007.10.05

فرانسىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى لىئونېل جوسپىن، ئىرلاندىيە پرېزىدېنتى مارىي روبېنسونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەپەر دۇنياۋىي شەخس جۈمە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ئۆز تەسىر كۈچىنى ئىشلىتىپ بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنى ئۆكتىچى كۈچلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا قايىل قىلىشقا چاقىردى. سابىق رەھبەرلەرنىڭ خېتىنى نورۋېگىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى كجېلل ماگنې بوندېۋىك، خىتاينىڭ ئوسلودىكى باش ئەلچىسىگە تاپشۇرغان.

خەتتە،"مۆھتەرەم رەئىسى خۇ ، بىزنىڭ بۇ خەتنى يېزىشىمىزدىكى مەقسەت بېرمىدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك نامايىش ۋە شەھەر كوچىلىرىدا نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتۇش سەۋەبلىك بېرمىدا تىنچلىقنى ۋە مىللىي يارىشىشنى قوللىشىڭىزنى سوراشتۇر " دەپ تەكىتلىگەن. سابىق رەھبەرلەرنىڭ خېتىدە يەنە، " بىز خىتاينىڭ بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنى ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئاڭسەن سۇچى ۋە بېرمىدىكى ئېتنىك مىللەتلەر بىلەن تىنچ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قايىل قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز،" دەيدۇ.

بېرما دېموكراتىيە ئىتتىپاقى جۈمە كۈنى بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئاڭسەن سۇچى بىلەن كۆرۈشۈش تەكلىپى ئېغىر شەرتلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن سۇچى خانىم بۇ تەكلىپنى " ئىجابىي بىشارەت"، دەپ ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سابىق رەھبەرلەرنىڭ خېتىدە يەنە، خىتاينى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بېرمىغا قورال - ياراق ئىمبارگوسى قويۇش قارارىنى ۋە ئون نەچچە يىلدىن بېرى ھەربىي دائىرىلەر تەرىپىدىن ئائىلە نەزەربەنتىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاڭسەن سۇچى خانىمنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى خەلقئارا ھەرىكەتنى قوللاشقا چاقىردى. بۇ خەتكە ئىمزا قويغان سابىق رەھبەرلەر ئىچىدە يەنە نورۋېگىيە باش مىنىستىرى برۇنتلاند، برازىلىيە پرېزىدېنتى كاردوسو، فىلىپىننىڭ پرېزىدېنتى ئاكيونو، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋېللار بار. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.