ب د ت ، بېرما ھۆكۈمىتىدىن قىلمشىدىن ھېسابات بېرىشنى تەلەپ قىلدى
2007.10.02
رېتۇرس ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئۆكتەبىر جەنۋەدىن خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت كىشلىك ھوقۇق ئالي كومىتېتى ، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى، بېرمىدىكى باستۇرۇش ھەركىتىدە ئۆلگەن ۋە قولغا ئېلىنغانلار ھەققىدە تولۇق ھېساپ بېرىشكە چاقىردى.
ب د ت كىشلىك ھوقۇق ئالي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لوسې ئاربوۇر خانىم، چاقىرىقىدا " بېرما ھۆكۈمىتى، ئەمدى بۇندىن كېيىن، بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىش بىلەن مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك،" دەپ ئەسكەرتتى. ئۇ چاقىرىقىدا، بېرما ھۆكۈمىتىدىن، نامايىشنى باستۇرۇش جەريانىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنى تەپسىلىي شەرھىلىشىنى ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئېنىق ۋە تولۇق بېرىشنى، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ تۇرىۋاتقان ئادرىسنى كۆرسۈتۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئاربوۇر خانىم بۇ چاقىرىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ، كومىتېتنىڭ 47 نەپەر ئەزاسىنى توپلاپ ئاچقان مەخسۇس بېرما مەسىلىسى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدى.
بېرما ھۆكۈمىتى نامايىشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى 10 دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر چاقىرىقنىڭ ئارقىسىدىن، بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەسئۇل خادىمى نۇنت سې بېرمىنىڭ دېموكراتىيىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئارقىسىدا دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى بۇزغۇنچى كۈچلەرنىڭ رولى بارلىقىنى ، خەلقارا جامائەت بېرما مەسىلىسىگە ئارىلاشتىم دەپ، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچماسلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ب د ت بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىشنىڭ بېرمانىڭ تاشقى سىياسىتىددىكى مۇھىم پىرىنسىپ ئىكەنلىگىنى ۋە بۇ ھەمكارلىقىنى ھېلىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم لوندوندىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى
- ب د ت ئالاھىدە ئەلچىسى بىرما ھۆكۈمىتىنى نامايىشنى باستۇرماسلىققا چاقىردى
- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بېرمىنى ئەيىبلىدى، لېكىن خىتاي ئەيىبلەشنى رەت قىلدى
- خەلقئارا جامائەت بېرمىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشنى پەسەيتىشكە تىرىشماقتا
- بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى نامايىش قىلغان خەلققە ئوق چىقاردى
- بېرمىدىكى نامايىش داغدۇغۇلۇق داۋاملاشماقتا
- خېيلۇڭجياڭدا دېھقانلار بىلەن خىتاي ساقچىلار توقۇنۇشتى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: كىشىلىك ھوقۇقنى بىخەتەرلىككە قۇربان قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ