بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ب د ت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى قولغا ئالغان
2007.10.03
بېرمىدىكى مىلىتارىست جۇنتا ھۆكۈمىتى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى كەچ سائەت 4 تە، ب د ت نىڭ 38 ياشلىق بىر خىزمەتچىسىنىڭ ئۇرۇق -تۇغقانلىرىدىن ئۈچ كىشىنى قولغا ئالغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ۋەقە ب د ت نىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى ئىبراھىم گامبېرى بېرمىدىن قايتىپ كەتكەندىن كېيىنلا يۈز بەرگەن .
ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشنى رەت قىلغان. بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ھازىر يەنىلا كۇچىلاردا ئاپشاركىلارنىمۇ ئىشقا سېلىپ جىددىي گۈزەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ب د ت نىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى گامبېرى ئەپەندى بېرمىدا يۈز بەرگەن راھىپلارنىڭ ئەركىنلىك نامايىشىدا 1000 نەپەر راھىپ قولغا ئېلىنغان، 13 ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، سۇلى مۇنارى ئالدىدا بىر نەپەر ياپونىيە مۇخبىرى ئېتىپ تاشلانغان ۋەقە ھەققىدە، بېرما ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاڭسەن سۇجى خانىم بىلەن كۆرۈشكەن ۋە 1962 - يىلىدىن باشلاپ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋالغان مىلىتارىست جۇنتا قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى تان شېۋ بىلەن سۆزلەشكەن ئىدى. گامبېرى ئەپەندى كېلەر ھەپتىدە ، بېرما مەسىلىسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشتىن باش كاتىپ بان كىمۇننى خەۋەرلەندۈرمەكچى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت يىغىنىدا بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى جازالاشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋاڭ گۇاڭيا يەنە بېرما مەسىلىسى خەلقئارالىق مۇقىملىققا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، غەربنىڭ بېرمىنى جازالاش تەدبىرى ئاقمايدۇ، جۇڭگو يەنىلا باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ، دېگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ، خىتاينى بېرما مەسىلىسىدە جىددىي بولۇشقا يەنە بىر رەت چاقىردى
- ب د ت ، بېرما ھۆكۈمىتىدىن قىلمشىدىن ھېسابات بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم لوندوندىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى
- ب د ت ئالاھىدە ئەلچىسى بىرما ھۆكۈمىتىنى نامايىشنى باستۇرماسلىققا چاقىردى
- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بېرمىنى ئەيىبلىدى، لېكىن خىتاي ئەيىبلەشنى رەت قىلدى
- خەلقئارا جامائەت بېرمىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشنى پەسەيتىشكە تىرىشماقتا
- بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى نامايىش قىلغان خەلققە ئوق چىقاردى
- بېرمىدىكى نامايىش داغدۇغۇلۇق داۋاملاشماقتا
- خېيلۇڭجياڭدا دېھقانلار بىلەن خىتاي ساقچىلار توقۇنۇشتى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: كىشىلىك ھوقۇقنى بىخەتەرلىككە قۇربان قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ