ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بېرما مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىد قىلدى


2007.10.04

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ھىندىستانغا ، بۇددىست راھىپلار ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىنىڭ نامايىشىنى باستۇرغان بېرما ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش توغرىسىدا جىددىي بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون كەررىي، چارشەنبە كۈنى كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي بېرما بىلەن بولغان زىچ ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ بېرمىدا ئۆزگىرىش ياسىمىسا، 2008 ‏- يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا كۆلەڭگە چۈشىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، "خىتاي، راھىپلارنى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدىن تازىلاشنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشى كېرەك "دەپ ئاگاھلاندۇردى.

يىغىندا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى مىچ مىككوننېل،خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ بېرما مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئەيىبلەپ، "ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسى دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنى قوللايدىغان پوزىتسىيە ئەمەس " دېدى. بېرما ھەربىي دائىرىلىرى راھىپلارنىڭ نامايىشىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ب د ت باش كاتىپى بان كې مۇن ئالاھىدە ۋەكىلى ئىبراھىم گامبەرىنى بېرمىغا ئەۋەتىپ، تەرەپلەرنى ياراشتۇرماقچى بولغان ئىدى. لېكىن بان كې مۇن، چارشەنبە كۈنى گامبەرىنىڭ بېرما سەپىرىنى" مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دەپ قارىغىلى بولمايدۇ "دەپ كۆرسەتتى. بان كې مۇننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى جۈمە كۈنى يىغىن ئېچىپ، بېرمىغا بۇنىڭدىن كېيىن قوللىنىدىغان ھەرىكەتنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

لېكىن گامبەرىنىڭ بېرما سەپىرىگە خىتاي ئىجابىي باھا بەردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ،" بېرما ھۆكۈمىتى بىلەن گامبەرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە ئىجابىي باھا بېرىمىز " دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ تىنچ نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىمىگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.