بېرمىدا راھىپلار بۈگۈن يەنە نامايىش قىلدى

رويترس ئاگېنتلىقنىڭ رانگۇن شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن بېرمىدا يەنە 100 دىن ئارتۇق بۇددا راھىپلىرى رانگۇن شەھىرىدىن 600 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى پاكۇكۇ دېگەن شەھەرچىدە نامايىش قىلغان. ئۇلار بۈگۈنكى نامايىشتا پەقەت دىنى پائالىيەت ئېلىپ بېرىش بىلەنلا شۇغۇللانغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تايلاندتىن خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ قېچىپ كەتكەن ئەسكەرلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھەتتا 10 ياشلىق كىچىك بالىلارنىمۇ مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ بېرمىدا نېفىت ئېچىش ھەرىكىتى داۋامىدا، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن، جەمئىيەتتە قاتتىق نارازىلىق پەيدا بولغان. جەمئىيەتتىكى نارازىلىق ئەۋج ئېلىپ، ھەتتا بۇددا راھىپلىرىمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بېرمىدىكى راھىپلار نامايىشى 8 ‏- ئايدىن باشلاپ قانلىق باستۇرۇلۇشقا باشلىغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى نامايىش قىلغان خەلقنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا، خەلقئارانىڭ بېرما ھۆكۈمىتىگە جازا قوللىنىشى ئىزچىل تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. (ۋەلى)