خەلقئارا جامائەت بېرمىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشنى پەسەيتىشكە تىرىشماقتا


2007.09.27

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئامېرىكا بىلەن ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېنچلىق يوسۇندا نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرمىلىقلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرلىكتە، بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىق ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ نامايىشچىلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

بېرما راھىبلىرى بىلەن خەلقىنىڭ دېموكراتىيە بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيىتى باشلىنىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتى مەزكۈر ھەرىكەتنى قوراللىق باستۇرۇشقا باشلىدى.

بىرلەشمە باياناتتا يەنە، بېرما رەھبىرىگە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن بولۇپ، بىرما بىخەتەرلىكنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشقا ئوخشاش باستۇرمىچىلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىرما رەھبىرىنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان.

" بىز ، بىرما دائىرىلىرىنىڭ خەلقنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىپ، بىرما سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەنساڭ سۇچى خانىم ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتىيىنى قوللىغۇچى رەھبەرلەر بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىشىنى خالايمىز " دېيىلگەن مەزكۈر باياناتتا يەنە، خىتاي ، ھىندىستان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ھەمدە بېرمىغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىرما خەلقىنى قوللىشى تەشەببۈس قىلىنغان.

بۇ ئارىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە ۋەكىلىنى بېرمىغا ئەۋەتىپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە قىلىپ ، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە بۇيرىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.