شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بېرمىنى ئەيىبلىدى، لېكىن خىتاي ئەيىبلەشنى رەت قىلدى


2007.09.28

شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۈمە كۈنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق قائىدىسىنى بۇزۇپ، تارىخىدا تۇنجى قېتىم باشقا دۆلەتلەرنى ئەيىبلەيدىغان بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان تىنچ نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقى كىشىنى"يىرگەندۈرىدىغان" قىلمىش، دەپ ئەيىبلىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 2 كۈن ئىچىدە ئاز دېگەندە 10 نەپەر دېموكراتىيە تەلەپ قىلغۇچى نامايىشچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىدىن زوراۋانلىقنى توختىتىپ، بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، جۈملىدىن بېرما دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئاڭسەن سۇچىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ش ج ئا ئە ئى نىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتى، سىنگاپور تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج يوۋ، ب د ت نىڭ نيۇ يوركتىكى يىغىنى جەريانىدا، "بېرما زوراۋانلىق سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، ئۇ پۈتۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى تالاپەتكە سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن " دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئۇ يەنە، بېرمىنىڭ شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن بېرمىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن دوستى خىتاي، بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنى ئاشكارا ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، پەقەت بېرمىدىكى توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە باش مىنىستىرى ياسۇ فۇكۇدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، بېرمىدىكى ۋەزىيەتنى تىنجىتىشتا ياردەمچى بولۇشنى تەلەپ قىلغان. ۋېن جياباۋ بولسا بېرمىغا نەسىھەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنى ئەيىبلەيدىغان قارار چىقىرىش تەلىپىگە قارشى چىققان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.