بېرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى دۇنيا نىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە
2007.10.06
شەنبە كۈنى بېرما نىڭ ھەربىي ھاكىمىيىتىگە قارشى دۇنيا نىڭ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلىرىدە نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشلىرىغا مىڭلىغان كىشى قاتناشقان.
ئۆتكەن ھەپتە بېرمادا، بۇ دۆلەتتىكى ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشنىڭ قانلىق باستۇرولغانلىقىغا قارشى خەلقئارا جامائەتنىڭ نارازىلىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ، بېرما ھۆكۈمىتى، نارازىلىق نامايىشىى جەريانىدا، مىڭلىغان كىشىنىڭ بېرما بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى ئىتراپ قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا نىڭ نارازىلىقى تېخىمۇ كۈچەيگەن.
ئامېرىكا، ئەگەر بېرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەت خەلقئارا جامائەتنىڭ بېرمادا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلمىسا، ب د ت نىڭ بېرمىغا قارشى ئىقتسادىي جازا يولغا قويۇشى ئۈچۈن، تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بېرما ھۆكۈمىتى 26- ۋە 27- سېنتەبىر كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇشتا، 10 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 2100 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن بېرما ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرى باستۇرۇش جەريانىدا 200 دىن ئارتۇق نامايىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 6000 غا يېقىن نامايىشچىنىڭ قولغا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خەلقئارا جامائەتنىڭ بېرمادىكى باستۇرۇشقا قارشى بولغان نارازىلىقى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيىتتە، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى، بېرمادىكى ۋەزىيەت خەلقئارا نىڭ ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت ھېسابلانمايدۇ دەپ، كۆرسەتتى.
خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ۋاڭ گۇۋاڭيا جۈمە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، "خەلقئارا بېسىم بېرمادىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى بېرما مەسىلسىگە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك" دېگەن.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي بېرما ھەربىي ھاكىمىيىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى ھېسابلىنىدۇ. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنياۋىي شەخسلەر خىتاينى بېرمىغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندىدى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بېرما مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىد قىلدى
- بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ب د ت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى قولغا ئالغان
- ئامېرىكا ، خىتاينى بېرما مەسىلىسىدە جىددىي بولۇشقا يەنە بىر رەت چاقىردى
- ب د ت ، بېرما ھۆكۈمىتىدىن قىلمشىدىن ھېسابات بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم لوندوندىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى
- ب د ت ئالاھىدە ئەلچىسى بىرما ھۆكۈمىتىنى نامايىشنى باستۇرماسلىققا چاقىردى
- شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى بېرمىنى ئەيىبلىدى، لېكىن خىتاي ئەيىبلەشنى رەت قىلدى
- خەلقئارا جامائەت بېرمىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشنى پەسەيتىشكە تىرىشماقتا
- بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى نامايىش قىلغان خەلققە ئوق چىقاردى
- بېرمىدىكى نامايىش داغدۇغۇلۇق داۋاملاشماقتا