مەركىزى نيۇ يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، بېرمىغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغۇچى ۋە بېرمىنى ھەربىي قوراللار بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت خىتاينىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، بېرمىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى رىچارسېن خىتاي دائىرىلىرىنى ئەيىبلەپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنى ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆكتىچىلەر قولغا ئېلىنغان، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ياكى ئۆلتۈرۈلگەندە زۇۋانىنى چىقارمىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كرىزىسنى ھەل قىلىش يولىدىكى خەلقئارانىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا تۈرلۈك توسالغۇلارنى پەيدا قىلماقتا، دەپ كۆرسەتتى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش كۈنى بولۇپلا قالماي، بۇ كۈن يەنە 1988 - يىلى يۈز بەرگەن بېرما دېموكراتىيە نامايىشىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خۇ جىنتاۋدىن بېرمىغا قورال - ياراق سېتىشنى توختىتىش، بېرما دائىرىلىرى بىلەن ھەربىي ئالاقىنى توڭلىتىش، ب د ت نىڭ بېرما ئىمبارگو لايىھىسىنى قوللاش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلدى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېرما ھەربىي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كومىتېتى قۇرۇپ، بۇنى دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشنىڭ 1 - قەدىمى، دەپ ئېلان قىلغان. لېكىن بېرما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىلىگەن ئىمبارگو بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. پرېزىدېنت بۇش، جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنى جازالاشنى مەقسەت قىلغان يېڭى ئىمبارگو تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ۋە ھىندىستاننى بېرما ھەربىي دائىرىلىرىگە تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. (ئەركىن)