كارلوس: خىتاي، ئامېرىكىدا بېكىنمىچىلىك كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىكە تۈرتكە بولماقتا


2006.03.29

خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئامېرىكا سودا مىنىستىرى كارلوس گۇتىرېز چارشەنبە كۈنى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ سودا بازىرىنى ئەركىن قويىۋەتمەسلىكى سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرىدىكى بېكىنمىچىلىك كەيپىياتىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كارلوس بېيجىڭدىكى ئامېرىكىنىڭ سودا ئەربابلىرىغا قىلغان سۆزىدە، "ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتايغا سودا چەكلىمىسى قويۇش مەسىلسىىدە قانۇن لايىھىسى تۈزۈپ چىقىشنىڭ ئۆزى، ئامېرىكىدا بېكىنمىچىلىك دەۋرىگە قەدەم قويۇش كرىزىسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.

كارلوس سۆزىدە يەنە، بۇ ئەھۋالنىڭ ئامېرىكىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، خىتاي ئۆزىگە ھەمدە خىتاينىڭ ئەمدى يېتىلىۋاتقان ئاجىز ئىقتىسادىغىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ " بىز خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ مال سېتىۋالغۇچىسى. ئەگەر بۇنداق چوڭ مال سېتىۋالغۇچى ئورۇن ئەركىن بازاردىن بېكىنمىچى بازارغا ئۆزگەرسە، ئۇ چاغدا بۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ" دەيدۇ.

ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان پاسسىپ سودا بالانىسى ھازىر 202 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلماي، بازارنى ئەركىن قويۇۋېتىش جەھەتتە كۈچ چىقىرالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىدا ھازىر ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرىدىكى بېكىنمىچىلىك كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.