ئامېرىكا بىن لادىننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى


2006.01.19

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، 19 ‏- يانۋار كۈنى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئوسما بىن لادىننىڭ ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى شەرتلىك تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلار بىلەن سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنى ئەلقائىدە تەشكىلاتى رەھبىرىنىڭ تەكلىپى بىر تاكتىكا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ تەكلىپتىن بىر خۇلاسە چىقىرىش ئۈچۈن تېخى ئەتىگەن، دېدى

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسى 19- يانۋار كۈنى ئوسما بن لادىننىڭ بىر سىنئالغۇ لىنتىسىغا ئىلىنغان باياناتىنى كۆرسەتتى. ئوسما بىن لادىن باياناتىدا، بىر تەرەپتىن ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشنى توختىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا زېمىنىدا يېڭى ھۇجۇملار ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى سكوت ماكمىلان، ئەلقائىدە رەھبەرلىرى ۋە باشقا تېررورچىلارنىڭ قاچىدىغان يەر ئىزلەۋاتقانلىقى ئېنىق. ئۇلار قاتتىق بېسم ئاستىدا، بىز تېررورچىلار بىلەن سۆھبەتلەشمەيمىز. بۇ ئۇرۇشنى تېررورچىلار باشلىدى. پرېزىدېنت بۇش ئېيتقاندەك، بۇ ئۇرۇشنى بىز ئۆزىمىز خالىغان بىر جايدا ۋە ئۆزىمىز خالىغان بىر ۋاقىتتا ئاياقلاشتۇرىمىز، دېدى.

بىن لادىن سىنئالغۇدىكى باياناتىدا، ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن نېمە شەرتى بار ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق بىر نېمە دېمىگەن، لېكىن شەرتىنىڭ ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئىراقتىن چىكىنىپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە بىشارەت بەرگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.