پاكىستان بىن لادىننىڭ قايسى يەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2006.09.25

پاكىستان ھۆكۈمىتى، ئوساما بىن لادىننىڭ قايسى يەردە يوشۇرۇنغانلىقى، ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

فرانىسيىدە چىقىدىغان "جۇمھۇرىيەت" گېزىتى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى فرانسىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىر دوكلاتىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا، ئوساما بىن لادىننىڭ ئۆتكەن ئاي پاكىستاندا كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما يەكشەنبە كۈنى فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوساما بىن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

بىن لادىننىڭ پاكىستان- ئافغانىستان چېگرىسىدىكى تاغلىق رايوندا يوشۇرۇنغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كەرزەي يەكشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، بىن لادىن پاكىستاندا بولۇشى مۇمكىن، دېدى.

لېكىن پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تاسنىم ئەسلەم دۈشەنبە كۈنى ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، بىز ئوساما بىن لادىننىڭ قايسى يەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. بىزنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتىمىز يوق، دېدى. پاكىستاننىڭ تالىبان قالدۇقلىرىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغان تاسنىم ئەسلەم تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بىن لادىن ئافغانىستاندا بولۇشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ پاكىستاندا يوشۇرۇنغانلىقىنى ۋە پاكىستاندا تۇرۇپ ئافغانىستانغا قارىتا ھۇجۇملار پىلانلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.