ئامېرىكا ھەر قايسى تەرەپلەرنى "بىرلەشمە بايانات" نى ئىجرا قىلىشقا دەۋەت قىلدى


2005.09.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، چارشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيىنىڭ تىنچ يوللارغا ئىشلىتىلىدىغان يادرو قازىنى بېرىش تەلىپىنى رەت قىلدى. ئەمما ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدە بىرلىككە كەلگەن بىرلەشمە باياناتنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسىنى بىلدۈردى.

سەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە ئامېرىكىدىن تىنىچ يوللارغا ئىشلىتىلىدىغان يادرو قازىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېرىشمىگىچە يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس ب د ت دە قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ تەلىپى ئارقىدىن قوغلىشىپ ماڭمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، "ئەگەر ھەر قايسى تەرەپ دۈشەنبە كۈنى كېلىشكەن بىرلەشمە باياناتتا چىڭ تۇرالىسا، ئۇ ھالدا بىز چوقۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز" دېدى.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باشقا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىمۇ چارشەنبە كۈنى پيوڭياڭنى يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشقا چاقىرغان.

ئەمما، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پيوڭياڭ چارشەنبە كۈنى يەنە ئامېرىكىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، "ئامېرىكا ئاۋۋال يادرو قوراللارنى تارتىۋالغاندىن كىيىن، ئاندىن شىمالىي كورىيىنى بەربات قىلماقچى بولدى" دەپ ئەيىبلىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ماقۇللانغان " ئالتە تەرەپ ئورتاق باياناتى" نىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ ئانچە ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.