پرېزىدېنت بۇش، خىتاينى تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىككە دەۋەت قىلدى
2007.09.07
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، جۈمە كۈنى ئاۋسترالىيىدە كارخانا يىتەكچىلىرىگە سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك بىلەن كۈتۈۋېلىشقا دەۋەت قىلدى ۋە بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنى سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىش ۋە ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەندە خۇ جىنتاۋنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى "مەمنۇنىيەتلىك" بىلەن قوبۇل قىلغان پرېزىدېنت بۇش، ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى بېيجىڭغا تىكىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇش، " بىز خىتاي رەھبەرلىرىنى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىش ۋە ئەپۇچانلىق جاسارىتىنى كۆرسىتىشكە چاقىرىمىز " دەيدۇ.
نۇتقىدا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دېموكراتىيىگە چاقىرغان بۇش، بېرما ھەربىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان پائالىيەتچىلەرنى دەرھال قويۇۋېتىشكە ۋە دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىغا زەربە بېرىشنى توختىتىشقا چاقىردى. ئۇ، " بىز بېرما ھاكىمىيىتىگە تىنچ نامايىش قىلغان دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىغا زەربە بېرىش، ئۇلارنى بىئارام قىلىش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى توختىتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشىمىز كېرەك" دەيدۇ . بۇشنىڭ سۆزىدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن، بېرمىدىكى بۇددىست راھىبلار بىر قانچە يۈز كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بېرما ھەربىي ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. خىتاي، بېرما ھەربىي ھاكىمىيىتىنى يۆلەپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ مۇھىم دۆلەتتۇر.
لېكىن خىتاي، ئامېرىكىنىڭ بېرما ھەربىي ھاكىمىيىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، بېرما ئۆكتىچى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئاڭسەن سۇچىنى قويۇۋېتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش تەلىپىنى رەت قىلماقتا ۋە ئاڭسەن سۇچى مەسىلىسى بېرمىنىڭ ئىچكى ئىشى، دەپ ئۇنىڭغا ئارىلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاتاقلىق كىنو چولپىنى رىچارد گېر، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئوچۇق بولۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينى ئەيىبلىدى
- ئەنگىلىيە مىنسىتىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- مېركېل، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: كىشىلىك ھوقۇقنى بىخەتەرلىككە قۇربان قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ
- كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى:دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرۈشتە يېڭى قانۇن لايىھىسى ماقۇللىدى
- تۈرمىدىكى خىتاي شائىرىنىڭ ئانىسى Yahoo شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- خىتاي پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئابىدە تىكلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى
- كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئابىدىسى ۋاشىنگتوندا تىكلەندى