ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىككى دۆلەت خەۋپسىزلىك رامكىسىنىڭ ئىچىگە ئېلىشى مۈمكىن.
"ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى"، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ ھەرىكىتى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەيۋەن بوغۇزىنى ئامېرىكا - ياپونىيە خەۋپسىزلىك رامكىسىنىڭ ئىچىگە ئېلىش كېلىشىمى، شەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى دونالد رامسفىلد ، ۋاشىنگتوندا ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوشىنورى ئونۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىكەن.
ياپونىيىنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى كو سې-كوي، " بۇ ياپونىيىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە تۇنجى قېتىم ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشى،" دەپ كۆرسەتتى. ياپونىيە تەيۋەن مەسىلىسىدە بىۋاستە ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ھازىرغا قەدەر ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.
كو سې - كوي، " ياپونىيىنىڭ تەيۋەن مەسىلىگە ئەمدى بىۋاستە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى" بىلدۈردى. يوشىنورى ئونۇ بىلەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نوبۇتاكا ماچىمۇرا جۈمە كۈنى ۋاشىنگتونغا قاراپ يولغا چىققان. "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى"، ياپونلار بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى بىخەتەرلىكنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى " ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك نىشان،" دەپ تەرىپلىشىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ياپونىيىلىك مىنىستىرلار بىلەن تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيادىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. (ئەركىن)