خىتاينىڭ "بۆلۈنىشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
2004.12.24
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن خىتاينىڭ "بۆلۈنىشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" چىقىرىش تىرىشچانلىقىنى بىئاراملىق بىلەن كۈزۈتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىقىرىلىش ئالدىدىكى "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" دا، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى جاكارلىسا، قوراللىق ھۇجۇم قىلىش بەلگىلىنىدىغان ياكى بەلگىلەنمەيدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەسكەن. خوڭكوڭدىكى جوڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى قانۇنشۇناس شۈ زوڭدﯤ، مەزكۇر قانۇننىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغانلىقىنى بىراق، " تىبەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقىنى، قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 - دېكابىردىن 29 - دېكابىرغىچە ئېچىلىدىغان 13 - نۆۋەتلىك يىغىنى، "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىنى" كۆزدىن كەچۈرىدۇ. ئەگەر مەزكۇر قانۇن لايىھىسى بۇ قېتىمقى يىغىندا ماقۇللانسا، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېلەر يىلى 3 - ئايدا ئىچىلىدىغان مەملىكەتلىك يىغىنىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىلىدۇ.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قانۇن تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھازىرقى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىلەشتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسى" مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيتوفف، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا،" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى
- خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
- خىتاي بۆلۈنۈشكە قارشى بىر قانۇن يولغا قويماقچى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى چەن چىچەننىڭ سۆزىگە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- تۈرك قانۇنىنىڭ زىنانى جىنايەت سۈپىتىدە جازالاشقا دائىر ماددىسى چىقىرىپ تاشلاندى