ئامېرىكا "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" غا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكرارلىدى


2005.04.22

خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان فرانسىيە باش مىنىستىرى رافارىن، پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا فرانسىيىنىڭ تالاش - تارتىشتىكى "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" غا قارشى ئەمەسلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى تەيۋەنگە قارىتىلغان مەزكۇر قانۇنغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار " فرانسىيىنىڭ ئۆز كۆز- قارىشىغا ئىگە بولۇش ھوقۇقى بار..... ئەمما بىزنىڭ قارىشىمىزچە "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" چىقىرىش پايدىسىز،" دەپ تەكىتلىگەن. ۋاشىنگتوندىكى دائىرىلەر، بېيجىڭدىكى باياناتىدا فرانسىيىنىڭ مەزكۇر قانۇنغا قارشى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن رافارىننىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، فرانسىيىنىڭ باياناتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ياراشمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رافارىن، پەيشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن بىرگە ئېلان قىلغان باياناتىدا، " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى فرانسىيىنىڭ مەيدانىغا تامامەن زىت ئەمەس،" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. رافارىن، بېيجىڭدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال- ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ۋېن جياباۋ، ئىمبارگو بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۆز- ئارا باغلاشقا قارشى تۇردى. ئۇلارنىڭ سۆھبىتى خىتايدىكى ئۆلۈم جازالىرىنى شۇنداقلا ئەمگەك بىلەن ئۈزگەرتىش لاگىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تېمىدىكى مەسىلىلەرگە چېتىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى فرانسىيە بىلەن سودا سوممىسى 3 مىليارد 200 مىليون دوللار كېلىدىغان 30 دانە يولۇچىلار ئايرۇپىلانى سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.