ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بروۋىن خىتاي ۋە ھىندىستانغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلىدى
2008.01.17
ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گاردون بروۋىن پەيشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن، خىتاي ۋە ھىندىستانغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، بۇ بروۋىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاسىيادىكى ئىككى دۆلەتتە زىيارەت ئېلىپ بېرىشى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى ئىقتىساد ۋە مۇھىت مەسىلىسى ئىكەن.
بۇ ئارىدا رېيتېرس ئاگېنتلىقى، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، بروۋىندىن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكىتلىشىنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەركىزى نيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، بروۋىنغا بىر پەرچە ئوچۇق خەت يوللاپ، بروۋىننى، ئاخبارات ئەركىنلىكى، قانۇننى توغرا ئىجرا قىلىش، ئۆكتىچىلەرنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىش، دارفۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىر قاتاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بارلىق سىياسىي زۇلۇملىرىغا خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئەنگىلىيە ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىمۇ بروۋىنغا مەكتۇپ يوللاپ ، ئۆز تەلەپلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈلۈشىنى تەشەببۇس قىلغان. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى دىققەتنى تارتتى
- ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقى توغرىسىدا
- ھىندىستان باش مىنىستىرى مانمۇھان سىنخ خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ھىندىستان باش مىنستىرى مانموھانسىڭ خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- ھىندىستان باش مىنىستىرى مانماخان سىنگ خىتاي رەھبەرلىرى بېيجىڭدا ئۇچراشتى
- ھىندىستان باش مىنىستىرى سىڭك خىتاينى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى
- ھىندىىستان باش مىنىستىرى خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى