ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بروۋن خىتاي رەھبىرى خۇ ۋە ۋېنلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گولدېن بروۋن، جۈمە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، 3 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنىڭ 1 - كۈنىلا خىتاينىڭ 3 ئالى رەھبىرى يەنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ ۋە خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋۇ باڭگولار بىلەن ئۇچۇراشتى.

گولدېن بروۋننىڭ بۇ سەپىرىدە ئۇنىڭغا 30 دەك ئەنگىلىيىلىك كارخانىچى ھەمرا بولۇپ كەلگەن. كۈزەتكۈچىلەر، بروۋننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاساسى كۈنتەرتىپى ئىقتىساد - سودا مەسىلىلىرىگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بروۋن بىلەن ۋېن جياباۋ شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسى 2 يىلدا سودا ھەجىمىنى 50 % ئۆستۈرۈپ، 60 مىليارد دوللارغا چىقىرىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بروۋن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئەنگىلىيە كۆپەرەك مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلغان.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بروۋننىڭ يېنىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەنگىلىيىلىك ئەمەلدارلار، بروۋننىڭ ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە ب د ت نىڭ پۇقرالارھوقۇقى ھەم سىياسى ھەقلەر ئەدىنامىسىنى تېزرەك تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بروۋن، خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن مەركىزى پارىژدىكى چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بروۋندىن خىتاي رەھبەرلىرىگە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەشنى توختۇتۇش، مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىش ھەققىدىكى ۋەدىسىدە تۇرۇش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان. مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېيجىڭدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەنگىلىيە باش مىنىستىرىنى خىتاي سەپىرىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان. بروۋېن بېيجىڭدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، شاڭخەينى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.