خىتاي ۋە رۇسىيە سۇ بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىكەن

خىتاي ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سوڭخۇاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققان مەسىلسىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا خىتاي ۋە رۇسىينىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

13 - نويابىر كۈنى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش نەتىجىسىدە كىشىلەردە راك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بېنزول قاتارلىق نۇرغۇنلىغان زەھەرلىك ماددىلار سۇڭخۇئاجياڭ دەرياسىغا ئېقىپ، رۇسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئامۇر دەرياسىغا قۇيىلىدىغان مەزكۇر دەريا سۇيىنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ئامۇر دەرياسى سۇيىنىڭ بۇلغىنىشى، خىتاي بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشىگە سەۋەبچى بولغان.

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتپاقىنىڭ مالايشىيادىكى يېغىنى جەريانىدا، ئۇچراشقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى لى جاۋشىن ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرى سىرگى ئىۋانوف، ئىككى دۆلەتنىڭ سۇ بۇلغىنىشى مەسىلسىنى ئەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن، مىنسىتىرلار خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ قانداق تەدبىرلەر ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نېمە دېمىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، زەھەرلىك سۇ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى رۇسىيىنىڭ خاباروۋسكى شەھىرىگە يېتىپ كېلىدىكەن. (قانات)