خىتاي پۇقرالىرى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى نۆۋەتتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە دىيىشمەكتە


2007.02.25

شىنخۇا ئاگېنتلىقى يەكشەنبە كۈنى 2007 ‏- يىللىق ئىككى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، پۇقرالارنىڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مۇھىم مەسىللىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتە دەسلەپكى دوكلاتنى ئېلان قىلدى.

خىتايدا خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا، مەزكۈر ئىككى يىغىن ھەققىدە ئېنتېرنېت تور بېتىدە خەلقنىڭ رايىنى سىناش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 90 % تىن ئارتۇق ئېنتېرنېت مۇشتىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلمايۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنغان.

مۇھىتنى قوغداش مەسىلىسىدە، 1400 ئادەمنىڭ ئىچىدە 5.90 پىرسەنت ئادەم مۇھىت مەسىلىسى، جىددى بىر تەرەپ قىلىنمىسا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە دەپ بىلدۈرسە يەنە 28 . 55 % ئادەم سۇنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يېقىندا خىتاينىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق ھەمدە قىشتا ھاۋانىڭ پەۋقۇللادە ئىسسىپ كېتىش ھالەتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن مۇھىتنى بۇلغاش تۈسىنى ئالغان زاۋۇت كارخانىلارنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلغان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، زاۋۇت كارخانىلارنى شەھەر مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش، قالايمىقان ئورمان كېسىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشىنى مەيدانغا كەلتۈرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللاردىن ھېسابلىنىدىكەن. ئىستانسىمىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا سۇنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى بۇلغانغان پاسكىنا سۇلارنى ئىچىپ تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.