خىتاي ھۆكۈمىتى پرېزىدېنت بۇشنى پۈتۈن دۇنيانى سوراشقا تېرىشىۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلىدى
2004.11.01
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنى پۈتۈن دۇنيانى باشقۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلىدى.
خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى چەن چىچەن تەرىپدىن ئەنگلىزچە چىقىدىغان خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئىراقنىڭ ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئىتتىپاقنى پارچىلاپ، دۇنيادىكى دىنىي ۋە مىللىي توقۇنۇشلارنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋەتكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چەن چىچەن نىڭ بۇ تەنقىدى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلماسلىق ۋە پرېزىدېنت كاندىداتلىرى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمەسلىك پرىنسىپىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى قوللاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن پرېزىدېنت بۇشنىڭ مەقسەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ھەربىي مەۋجۇدىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى چەن چىچەننىڭ پرېزىدېنت بۇش ھەققىدە توساتتىن بۇنداق بىر ئىپادە بىلدۈرۈشىنىڭ سەۋەبى تېخى مەلۇم ئەمەس، ئەمما, ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يېقىندىن بۇيان بولۇپمۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سودا مەسىلسىسدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىختىلاپلار ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق قارارى تۈپەيلىدىن يىرىكلەشمەكتە. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا پرېزدېنت نامزاتلىرى ئاخىرقى مۇنازىرىسىنى ئېلىپ باردى
- ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزدېنت كاندىداتلىرى تېلېۋىزوردا مۇنازىرە ئېلىپ باردى
- ئامېرىكا پرىزىدېنت نامزاتلىرى تاشقى سىياسەت ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى
- بۇش، پرىزدېنت سايلىمىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى بولۇشنى قوبۇل قىلدى
- ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى