ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇشنىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەشتى

دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىققانلىقىنى تەبرىكلەشتى.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى خوۋارد " جورج بۇشنىڭ قايتا سايلىنىشى تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنىڭ غەلىبىسىدىن دېرەك بېرىدۇ" دىدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىراق ئۇرۇشىدا، خوۋارد جورج بۇشنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى.

ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونىي بىلەيىر، جورج بۇشنى دۇنيا ۋەزىيىتى "ھەل قىلغۇچ بىر دەۋر" دە تۇرىۋاتقان پەيتتە قايتا سايلاندى دەپ كۆرسەتتى. ئىراق ئۇرۇشىنى قوللىمىغان گىرمانىيە، فرانسىيە ۋە رۇسىيە دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ جورج بۇشقا تەبرىكنامە ئەۋەتتى. رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن "بۇشنىڭ قايتا سايلىنىشى ئامېرىكا خەلقىنىڭ تېررورچىلارنىڭ ۋەھىسىدىن قۇرقمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر"-دەپ بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى كوفى ئەننانمۇ جورج بۇشنى قۇتلۇقلاپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ دۇنيا خەلقىگە ھەقىقىي دېموكراتىيىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

خىتاينىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى چيەن چېچېن سايلامدىن بىر كۈن بۇرۇن جورج بۇشنى دۇنيادا كېڭەيمىچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەندىن كىيىن، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى جورج بۇشقا ئالايىتەن تەبرىكنامە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ قايتا ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغانلىقىنى مۇبارەكلىدى. (ئارزۇ)