بۇش زىيارىتىدە، ياۋرۇپانى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىرىدىكەن
2005.02.20
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بۇ ھەپتە ياۋروپانى زىيارەت قىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئانالىزچىلار، پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىنى چەكلەش ھەققىدە ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ قوللىشىنى ئىستەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت بۇش دۈشەنبە كۈنى ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتكە قىلىدىغان زىيارىتىنى باشلايدۇ ھەمدە زىيارىتى جەريانىدا فرانسىيە پرېزىدېنتى شىراك، گىرمانىيە باش مىنىستىرى شىرودېر ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
پرېزىدېنت بۇش ياۋرۇپا زىيارىتىنى باشلاشنىڭ ئالدىدىلا، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ھەربىي ئىشلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كونكىرت ئۇچۇرلارنى بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئانالىزچىلارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى بىكار قىلىنغاندا، خىتاي، ياۋرۇپا بىرلىكىدىن ئىلغار تىپتىكى قورال سېتىۋېلىشقا مۇيەسسەر بولۇپ، ئاسىيا رايونىنىڭ ھەربىي تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.
ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا تەيۋەن بوغۇزىدىكى توقۇنۇشقا ئارىلىشىشنى ئويلىشىۋاتقان شارائىتتا، خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ زورىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جورج بۇش بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن خىتايغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىقنى قايتا تەلەپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى تەھدىد ھېسابلايدىكەن
- ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى جازالاش ھەققىدە قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ياۋروپانىڭ خىتايغا قويغان ئىمبارگونى بىكار قىلىش پىلانىنى ئەيىپلىدى
- ئامېرىكا ھېلىمۇ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ دىدى
- ئامېرىكا -خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى بېيجىڭدىكى سۆھبىتىنى ئاياقلاشتۇردى
- ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ دىموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى رەت قىلدى