پرېزىدېنت بۇش بريۇسسېلدا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى ئىتتىپاقلىققا چاقىردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ش ئا ئو ئە ت نىڭ باش شتابى بريۇسسېلدا سۆز قىلىپ، ياۋروپا بىلەن شىمالى ئامېرىكا دۇنيا بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسلىق تايانچ كۈچى، دەپ كۆرسەتتى.

بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېل پرېزىدېنت بۇشنىڭ دۈشەنبە كۈنى باشلانغان ياۋروپادىكى 5 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى. پرېزىدېنت بۇش بريۇسسېلدىكى سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ:

" ياۋروپا بىلەن شىمالى ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىزنىڭ يېڭى ئەسىردىكى بىخەتەرلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق تايانچ كۈچى. ئوتتۇرىمىزدىكى سودا - ئىقتىسادى مۇناسىۋەت دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلەرنىڭ بىرى" . پرېزىدېنت بۇش يەنە ئەسكەرتىپ، "ئامېرىكا بىلەن ياۋروپادىكى سىياسى ۋە ئىقتىسادى ئەركىنلىك مودىلى، نامراتلىق ۋە ئېزىلىشكە ئۇچراۋاتقان مىڭلىغان - مىليونلىغان كىشىلەرگە ئۈمىد ئېلىپ كەلمەكتە."

پرېزىدېنت بۇش، "ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك دوستلىقى يەر شارىنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە،" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ، ئوتتۇرا - شەرق مەسىلىسى ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىدا " نۆۋەتتىكى جىددى نىشانلىقىنى" بىلدۈردى. دۇنيانى پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىش يولىدا ئاخىرىغىچە تىرىشىشقا چاقىرغان بۇش، ياۋروپالىقلارنى " ئىراقتىكى يېڭى دېموكراتىيىنى" قوللاشقا ئۈندىدى.

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت بۇش بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئىراق مەسىلىسى، ئىران سىياسىتى شۇنداقلا خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلاردا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. (ئەركىن)